ئالبانىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلدى
2006.07.26
ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامو تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي پاناھلىقىنى قوبۇل قىلدى.
ئالبانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالبانىيىنىڭ تىرانادىكى مۇساپىرلار لاگىرىدا تۇرۇۋاتقان 5 ئۇيغۇرنىڭ ئالبانىيىدىكى سىياسىي پاناھلىقى 7-ئاينىڭ 13- كۈنى رەسمىي قوبۇل قىلىنغان. ئامېرىكا دائىرىلىرى 2001- يىلى ئافغانىستاندا تۇتقان بۇ 5 ئۇيغۇرنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھېچقانداق تېررورلۇق تەھدىتى يوق دەپ جاكارلاپ بۇ يىل 5-ئايدا ئالبانىيىگە ئەۋەتكەن ئىدى.
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە گۇەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە ئەل-قەئىدە تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكىدىن ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشنى قارار قىلدى. چۈنكى ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېرروچى ۋە بۆلگۈنچى جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
بۇ ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغان ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى ئالبانىيىگە تاپشۇرغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق تېررورچىلىققا باغلىنىشى يوقلىقىغا كاپالەت قىلغانلىقىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىشىگە ئىسپات كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالبانىيە ھۆكۈمىتى 5 نەپەر ئۇيغۇر ياشقا ئىگە چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دۆلەتتىكى كېلەچىكى بەك پارلاق بولماسلىقى مۇمكىن
- ئالبانىيە: بەش ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى خىتاي - ئالبانىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ
- ئىسمايىل ئەمەت ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى
- گۇەنتانامودىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى سەيبىن ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى