ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى - ئادىل ھاكىم شىۋېتسىيىگە كېلىپ قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2007.11.21
2005 - يىلى ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادىل ھاكىم يېقىندا شۋېتسىيىگە كېلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشتى. ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى ئىپادىلىدى.
ئادىل ھاكىم 2001 - يىلى پاكىستاندا ئامېرىكا قىسىملىرىغا تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە سولانغان، گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 'دۈشمەن جەڭچىسى' ئەمەسلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، پەقەت ئالبانىيىدىن ئىبارەت بىرلا دۆلەت ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ سىياسىي پاناھلىق بەرگەن بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىدى.
ئادىل ھاكىم ئالبانىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاتا- ئانا، قان- قېرىنداش ۋە باشقا ئۇرۇق -تۇغقانلىرى بىلەن گەرچە تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە دىدار كۆرۈشەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم شىۋېتسىيە ئۇنىڭغا ۋىزا بەردى.
ئادىل ھاكىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالبانىيىدە تۇرۇۋاتقان قەدىناسلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقىغا ئورتاقلاشقان ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئارزۇيى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بارغانچە ئۈمىدسىزلىك قاينىمىغا پېتىپ بارماقتا
- خىتايدا يەر - مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى تۈرمىدە قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان
- ھۆسەيىن جېلىل قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدى
- ياڭ جيەنلى خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىش ۋە ئەركىنلىكنى توسۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى
- يېڭى زېللاندىيە ھۆكۈمىتى گۇئەنتانومو ھەربىي لاگىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىكى نامايىشچىنى 18 يىلدىن كېيىن قويۇپ بەردى
- بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ
- ئاۋام پالاتا ئەزاسى موران ،گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا چىقىش يولى بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇرلار ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنى گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا پاناھلىق بېرىشكە چاقىردى









