ئالبانىيىدىكى بەش ئۇيغۇرنىڭ بىرى ‏-‏ ئادىل ھاكىم شىۋېتسىيىگە كېلىپ قېرىنداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2005 ‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئادىل ھاكىم يېقىندا شۋېتسىيىگە كېلىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن دىدار كۆرۈشتى. ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بۈگۈن رادىئومىز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خوشاللىقىنى ئىپادىلىدى.

ئادىل ھاكىم 2001 ‏- يىلى پاكىستاندا ئامېرىكا قىسىملىرىغا تۇتۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ گۇئانتانامو ھەربىي تۈرمىسىگە سولانغان، گۇئانتانامو تۈرمىسىدە 'دۈشمەن جەڭچىسى' ئەمەسلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، پەقەت ئالبانىيىدىن ئىبارەت بىرلا دۆلەت ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ سىياسىي پاناھلىق بەرگەن بەش نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىرى ئىدى.

ئادىل ھاكىم ئالبانىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئاتا- ئانا، قان- قېرىنداش ۋە باشقا ئۇرۇق ‏-تۇغقانلىرى بىلەن گەرچە تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە دىدار كۆرۈشەلمىگەن ئىدى. بۇ قېتىم شىۋېتسىيە ئۇنىڭغا ۋىزا بەردى.

ئادىل ھاكىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئالبانىيىدە تۇرۇۋاتقان قەدىناسلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ خۇشاللىقىغا ئورتاقلاشقان ۋە ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئارزۇيى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. (ۋەلى)