خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىدىغان نومۇر تۆۋەنلىتىلدى
2004.12.23
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىكى پەرقنى يوقىتىش پىلانى بويىچە، بۇ يىل خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت 50 نومۇر قوشۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇ يىل خىتاي مەكتەپتە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىدىغان نومۇرنى 70 تىن 50 كە چۈشۈرۈشنى قارار قىلغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە مىللىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارغا بۇ يىل قانداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىمىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى خەۋىرىدە، "15 يىل ۋاقىت ئىچىدە قەدەممۇ قەدەم تەدبىر قوللىنىپ، مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنىش نومۇر چېكىدىكى پەرقنى پۈتۈنلەي يوقىتىمىز" دەپ كۆرسەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىكى پەرقنى يوقىتىش، مىللى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغايدۇ دەپ بىلدۈرمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر كۈزەتكۈچىلىرى، بۇ سىياسەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالماسلىقىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئالى مەكتەپكە قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىدىكى پەرق بىكار قىلىنماقچى
- كېلەر يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالى مەكتەپلەردە دەرسلەر پۈتۈنلەي خىتايچە ئۆتۈلمەكچى
- قارامايدىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى
- شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى بىلەن تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكچى
- خىتاي ھۆكۈمىتى كىلەر يىلى 3000 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى خىتاي شەھەرلىرىدە تەربىيىلىمەكچى