ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى
2005.07.17
خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئالتە كۈنلۈك تاللاپ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 175 نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە جەمىي ئون تۆت مىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنغان.
بۇ ئۇچۇردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىي پەن كەسىپلىرى بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ساننىڭ 60٪ تىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى تېخى ھازىرغىچە بۇ يىل ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەت تەركىبى بويىچە نىسبىتىنى ئېلان قىلمىغان بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەسىلىلىرى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى خىتايلاردىن تۆۋەن بولغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە شۇنىڭدەك مائارىپنىڭ خىتايلاشتۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلىمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىگ قاتتىق نارازىلىقلىرىنى قوزغىماقتا. (ئۈمىدۋار)