ئالتاي شەھىرىدە كەلكۈن كېلىپ قاتناشنى ئۈزۈپ قويدى


2005.06.01

چارشەنبە كۈنى ئالتاي شەھىرىدە ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن، كەلكۈن كېلىپ شەھەر قاتنىشىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1 - ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ يەردە مۆلدۈر ئارىلاش ياغقان قاتتىق يامغۇر 20 مىنۇتچە توختىماي داۋاملاشقان. نەتىجىدە تاغلىق رايونلاردىن ئاققان سۇلار كەلكۈن بولۇپ ئالتاي شەھىرىگە ئېقىپ كىرگەن. ھەتتا چوڭ كوچىلاردىكى سۇنىڭ ئېگىزلىكى 40 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

كەلكۈن سەۋەبىدىن كوچا بويىدىكى بىر قىسىم دۇكان ۋە ئۆيلەرگە سۇ كىرىپ كەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى ستاتىستىكا قىلماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدە نەچچە كۈن ئۇدا ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن تاغ سېرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 كىشىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.