ئالتايدىكى كۆكسۇ نەملىك يەر مۇھىتى بۇلغانلاقتىن 600 چارۋىچى ئاھالىسى كۆچۈشكە مەجبۇرلاندى


2006.07.16

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ئوتلىغىدىكى تەبىئىي قوغلىدىغان ئەڭ چوڭ نەملىك يەر - كۆكسۇ نەم يەرنىڭ مۇھىتى داۋاملىق بۇلغۇنۇپ ماڭغاچقا، بۇ رايوندا ياشايدىغان 600 غا يېقىن چارۋىچى ئاھالىسى باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ نەم يەر مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشىغا، بۇنىڭ ئەتراپىغا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسلىرىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بوز يەر ئېچىش ھەرىكەتلىرى سەۋەپ بولغان ئىكەن. مۇشۇ سەۋەپتىن ھازىر كۆكسۇ نەم يەردىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ تۈرى ئازىيىپ، نۇرغۇن جايلاردا قۇملىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن.

كۆكسۇ نەم يەر شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىمىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئالتاي ئوتلىغىدىكى ئەڭ چوڭ نەم يەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە 450 نەچچە خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈك، 103 خىل قۇش، 35 تۈرلۈك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان ۋە 10 نەچچە خىل بېلىق تۈرىدىكى سۇ جانىۋارلىرى ياشايدۇ. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.