خىتاي شىركىتى چەتئەل بىلەن شېرىكلىشىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتۇن بايلىقىغا كۆز سالدى

خىتاينىڭ جىنچۇەن كان قېزىش شىركىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېلى ئوبلاستى غۇلجا ناھىيىسىدە زاپاس مىقدارى 60 توننا كېلىدىغان بىر ئالتۇن كان بايقىغان.

" ئاسىيا تومۇرى" ژۇرنىلىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جىنچۇەن شىركىتى خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە شېرىكچىلىكىدىكى شىركەت بولۇپ، ئۇنىڭ 51% پاي چېكىنى ئاۋسترالىيە ئىگىلىگەن. شۇنداقلا بۇ شىركەتكە ئىككى تەرەپ جەمئىي 4.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ 10 يىللىق ھەمكارلىق توختامى تۈزگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى قېزىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يەرلىك خەلقلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەسلىكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا. (پەرىدە)