خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر ئالتۇن كېنىنى ئاچتى


2005.05.09

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۈرۈمچى بىلەن سانجى چېگرىسىدىكى تەڭرىتاغ مۇز چوققىلىرىدا زاپاس مىقتارى تەخمىنەن بەش توننا كېلىدىغان بىر ئالتۇنلۇقنى بايقىغان ھەمدە يېقىندا كان ئېچىپ، ئالتۇن قېزىش ئىشلىرىنى باشلىغان.

مەزكۇر ئىدارىنىڭ باشلىقى ۋېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېڭى قۇرۇلغان بۇ كان ھەر يىلى ئون مىڭ سەر ئالتۇن ئىشلەپچىقىرالايدىكەن. بۇ ئۈرۈمچى ۋە سانجى ئەتراپىدا بايقالغان كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ بولغان تۈنجى ئالتۇن كانى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يىلىغا ئون مىڭ سەر ئالتۇن ئىشلەپچىقىرالايدىغان ئالتۇن كانلىرىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئالتۇن زاپىسى تۈگەشكە باشلىغان. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن زاپىسى مول كانلارنى قېدىرىش ئىشلىرىنى كۈچەيتمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىقلارنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ، يەرلىك خەلقلەرنى بۇ بايلىقلاردىن مەنپەئەتلەندۈرمەيۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.