خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
2007.12.07
خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرگە قارىغاندا، خىتايلار بۇنى يېقىندىن بۇيان دۇنيا ئالتۇن بازىرىدىكى ئۆرلەش ھالىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش پۇرسىتى دەپ كۆرسەتكەن.
شىنخۇا ئاخبارات تورىدا كۆرسىتىلىشىچە خىتاي ئۇيغۇر ئىلىدە ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىلا ئۇيغۇر ئىلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئالتۇن ئومۇمى مىقدارى ئىككى توننىدىن ئاشقان بولۇپ، ئۆتكەنلىكىدىن ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئۆرلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدىن بۇ يىل قېزىۋېلىنىش مۆلچەرلەنگەن ئومۇمىي ئالتۇن مىقدارى 7 توننىدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.
شىنخۇا ئاخبارات تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار ئەربابلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىپ كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، پەقەت مەبلەغنى كوپ سېلىپ ئالتۇن كانلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش قەدىمىنى تېزلەتكەندىلا يەنىمۇ كۆپلەپ ئالتۇن قېتىۋېلىشتا مەسىلە يوق ئىكەن.
خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە يەنە، "11- 5 يىللىق پىلان " مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئىلى ئالتۇن كان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا 150 مىليون مەبلەغ سېلىنىپ 100 توننا ئالتۇن زاپىسى بايقاش پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، 2010 يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر ئېلىدىن ھەر يىلىغا قېزىلىدىغان ئومۇمىي ئالتۇن مىقدارىنى 10 توننىغا يەتكۈزۈش پىلان قىلىۋېتىپتۇ. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- "غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش" نىڭ 3- تۇرۇبا لىنىيىسى قۇرۇلماقچى
- خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گازلىرىنى توشۇش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە
- خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى نېفىت سانائەت گۇرۇھىنىڭ قانۇنسىز بانكىدىن پۇل ئالغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە
- غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى
- باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى خۇا نېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇردى
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇن بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىككىنچى تەبئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ يۈنۈلۈشىنى بەلگىلىدى