يېقىندا بېيجىڭدا "مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ، سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى" ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر مۇسابىقىگە قاتناشقان 7 ياشلىق ئۇيغۇر پەرزەنتى زۇلپىقار ماخمۇت، ئۆسمۈرلەر ئا گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇسۇل تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، زۇلپىقار ماخمۇت، قورغاس ناھىيىلىك خەيرىيە باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. زۇلپىقار، مۇسابىقىگە قاتناشقان خىتايلارنى ئاساس قىلغان 1000 نەپەر ئۆسمۈر ئىچىدە، ئۆزىنىڭ سەنئەت ئىقتىدارىنى نامايەن قىلغان.
زۇلپىقار ماخمۇت، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ماكاۋدا ئۆتكۈزۈلىدىغان "خەلقئارا ياشلار، ئۆسمۈرلەر قول تۇتۇتۇش سەنئەت كۆرىكى" گە قاتنىشىدىكەن.
ئۇيغۇر ياش - ئۆسمۈرلىرى، ھەر خىل بېسىملاردىن غالىپ كېلىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە نەتىجە قازىنىپ، خىتاي بويىچە ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا شان - شەرەپ قازانماقتا. (ئەقىدە)
