خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش يىللىق مىقدارىنى يەتتە توننىلىق ئۆتكەلدىن ئاشۇرغان
2007.12.18
ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىدە يىللىق ئالتۇن قېزىش مىقدارىنىڭ بۇ يىل يەتتە توننا بىر مىڭ كىلوگرامغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلى ئالتۇن كانلىرىدىن قېزىلغان ئالتۇن 1999- يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سۈپەتنى كۆرسەتكەن.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەدەن بايلىقلىرى بازىسى بولۇپ ئالتۇن بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يۇقىرى قىممەتلىك مېتالنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىككى يۈزدەك ئورنىدا ئالتۇن كانلىرى بولۇپ،ئالتۇن زاپىسى ئاساسلىق ئالتاي تېغى، غەربىي شىمال جۇڭغار ئويمانلىقى، تەڭرىتېغى، كوئىنلۇن تاغلىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىلەرگە جايلاشقان.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتاي، چۆچەك، ئىلى، قۇمۇل ۋە تۇرپان ھەم سانجى قاتارلىق ئالتە نۇقتىلىق ئالتۇن رايونىدا مۇقىم ئالتۇن قازماقتا. ھازىر بۇ جايلاردا ئالتۇن تاۋلاشنى كەسپ قىلغان كان كارخانىلار 52 گە يەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە يېڭىدىن ئالتۇن زاپىسى بايقىلىۋاتقان بولۇپ، ئالتۇن بايلىقىنى ئېچىشنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يىل يىللىق ئالتۇن قېزىش مىقدارى يەتتە توننىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتكەن بولسا كېلەر يىلى ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە شەخسىلەر يەنى مەبلەغ سالغۇچى خىتايلار تەرىپىدىن ئېچىلىۋاتقان ئالتۇن كانلىرىنىڭ سانىمۇ بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل شەخسى كارخانىلارنى ئۇيغۇر ئېلى بايلىقلىرىنى كۆپلەپ ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇلۇغچات ناھىيىسىدە بىر كۆمۈر كان قۇدۇقىدا پارتلاش يۈز بەردى
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- غۇلجا ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ھادىسىسىدە كان ئىگىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمىدى
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
- ۋاڭ لېچۇەن 'بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا كاملىغان كۆمۈر شىنجاڭدىن تەمىنلىنىدۇ ' دەپ جاكارلىغان
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇن بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى