خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇن بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
2007.09.10
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئالتۇن قېزىش شىركەتلىرى تاۋلىغان ئالتۇن مىقدارى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
تەڭرىتاغ تورىدا ئىلى ئوبلاستى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى لى شىياڭلىننىڭ 6- سېنتەبىر غۇلجا ناھىيىسىدە ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە،ئىلى ۋادىسىنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى 500 توننا ئەتراپىدا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتۇن بايلىقى ساھەسىگە مەبلەغ سالغان خىتاي كارخانىلىرى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي ئالتۇن گۇرۇھى (中国黄金集团) ، خىتاي ئالتۇنچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى (中金股份) ، شەندۇڭ ئالتۇن توپلاش گۇرۇھى (山东招金集团) ، رەڭلىك مېتال كانچىلىقى (紫金矿业) قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش قەدىمىنى تېزلەتمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئالتۇن مىقدارى ئىككى توننىدىن يۇقىرى بولۇپ ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە ئاشقان.
غۇلجا ناھىيىسىگە جايلاشقان ئاشىن ئالتۇن قېزىش شىركىتى بىر يۈز كىلوگرامدىن ئارتۇق، تولى ناھىيىسىگە جايلاشقان شىركەت يەتتە يۈز كىلوگرامغا يېقىن ئالتۇن ئىشلەپچىقارغان.
بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 6 مىڭ 402 كىلوگرام ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، خىتاي بۇيىچە 8- ئورۇنغا ئۆتكەن. تەڭرىتاغ تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى 7 توننىغا يەتكۈزۈپ بۇلتۇرقىدىن 10 پىرسەنت ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆمۈركان ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئالتايدا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە زور كۆلەملىك كۆمۈر كان قۇرۇلۇشىنى باشلىدى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 3 كە يەتتى
- فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىدە 2 كىشى قازا قىلدى
- فۇكاڭدا 13 ئادەم كۆمۈر كان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش سەۋەبىدىن ئۆلدى
- شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى 200 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى بازارغا سالماقچى