ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىدىن زور مىقداردا ئالتۇن زاپىسى بايقالدى
2008.03.28
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان مەلۇم بىر ئالتۇن قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شىمال قىسىمغا جايلاشقان بىر قۇملۇقتىن 24 توننا ئالتۇن زاپىسىغا ئىگە بىر چوڭ ئالتۇن كانىنى بايقىغان.
مەزكۇر كاندىن بايقالغان 24 توننىلىق ئالتۇن زاپىسى تېخى دەسلەپكى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولۇپ، بۇ كاننى بايقىغان ئالتۇن قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتى ھازىر بۇ جايدا زور كۆلەملىك ئالتۇن قېزىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ھەمدە ئومۇميۈزلۈك گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتقان ئىكەن.
ھازىر ئۇيغۇر ئىلى ئالتۇنچىلىق ساھەسىگە خىتاينىڭ شەندۇڭ، فۇجيەن، خېنەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن كېلىپ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن ئالتۇن قېزىش شىركەتلىرى كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالتۇن باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2007 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ ھېسابقا ئېلىنغان ساپ ئالتۇن 7 توننا بولغان.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە كىم ئاچسا شۇ مەنپەئەتلىنىش شۇئارى ئاستىدا ئېچىلىۋاتقان كۆپلىگەن كانلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن شىركەت ياكى شەخسلەرنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، يەرلىك خەلقنىڭ بۇ بايلىقلاردىن بەھرىمان بولالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا بىر توننا كۆمۈرنىڭ باھاسى 655 يۈەنگە يەتتى
- ئۇيغۇر ئىلىنى خىتاينىڭ ساياھەت مەنزىلگاھى قىلىپ قۇرۇش نارازىلىققا يول ئاچتى
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كان بايلىقىنى كەڭ - كۆلەملىك ئېچىش پىلانى مۇھىت ئەھلىنى ساراسىمغا سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئالتۇن قېزىش يىللىق مىقدارىنى يەتتە توننىلىق ئۆتكەلدىن ئاشۇرغان
- باي ناھىيىسىدىكى گازلىقتىن 3 يىل ئىچىدە 22 مىليارد كۇب مېتىر گاز توشۇپ كېتىلدى
- خىتاي ھۆكۈمى ئۇيغۇر ئىلكىدىكى ئالتۇن زاپاسلىرىنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئاچماقچى
- شەرقىي جۇڭغاردا پەۋقۇلئاددە يېڭى ئېنېرگىيە رايونى بايقالدى
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
- ۋاڭ لېچۇەن 'بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا كاملىغان كۆمۈر شىنجاڭدىن تەمىنلىنىدۇ ' دەپ جاكارلىغان
- خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇن بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش قەدىمىنى تىزلەتمەكتە
- ۋاڭ لېچۇەن تەيۋەندىكى گومىنداڭنىڭ پەخرى رەئىسى ليەنجەن بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى
- ئالتايدا قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا









