ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجى ئۈرۈمچىدە ئەمەس، لەنجۇدا سوتلىنىدۇ


2005.10.28

خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئامان ھاجىنىڭ لەنجۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامان ھاجى، بۇنىڭدىن ئىككى - ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇيۇقسىز غايىب بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىيەنەتچىلىك ۋە پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ بېيجىڭدا قولغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

"لەنجۇ ئەتىگەنلىك گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسى ئامان ھاجىنى لەنجۇ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلاشنى قارار قىلغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرى، لەنجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئامان ھاجى ئۈستىدىن رەسمىي ئەيىبنامە تەييارلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما دائىرىلەر، ئامان ھاجىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئەمەس، لەنجۇدا سوتقا تارتىلدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆتكەن يىلى 10 - ئايدا ئامان ھاجىنىڭ پارتىيە تەۋەلىكىنى بىكار قىلغان ئىدى.

"مالىيە ئىقتىساد ۋاقتى گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر خادىمى، ئامان ھاجىنى " يۈرىكى قاپتەك يوغىناپ كەتكەن،" دەپ ئەيىبلىگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامان ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن شېرىكچىلىكى بار، دەپ قارالغان جىيۈ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شيې كۇنجى، تۇيۇقسىز غايىب بولغان. بەزىلەر ئۇنى چەتئەلگە قېچىپ كەتتى، دەپ قارايدىكەن.

ئامان ھاجى قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ كانادادا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىنىسى ئىلشات ھاجى كانادادىن چاقىرتىپ كېتىلگەن ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.