ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، بۇش ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دېدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى سوراق قىلىشىغا رۇخسەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى ھەمدە ھۆكۈمەتنى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.06.05

 ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى دېموكراتچى بىل دېلاھەنت ۋە جۇمھۇرىيەتچى دانا روراباخەر ئەپەندىلەر چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن تۈرمىدە ئۇچرىغان ئەھۋاللار ‏ - ئازابلار ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ، ئۇلارغا تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئەزالىرى، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنستىرلىقىنىڭ باش تەپتىشى گېلەن فايىندىن، خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىگە كىرىشىگە نېمە ئۈچۈن رۇخسەت بېرىلگەنلىكىنى سورىغان. ئۇلار بولۇپمۇ ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سوراق قىلىشىغا ياردەم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى دانا روراباخەر ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۈلكىلىك دەپ كۆرسىتىپ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى ۋە ئامېرىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.