جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىلىرى كەڭ مۇزاكىرە قىلىندى

18 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە داۋاملاشقان ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجىتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەخسۇس تارىخ مۇھاكىمە تارمىقىدا "ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى تارىخشۇناسلىقى ھەمدە خىتاي تىلىدىن باشقا مەنبەلەر" ماۋزۇ ئاستىدا ئۈچ مۇتەخەسسىس مەخسۇس ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخى، ئۇيغۇرچە ۋەخپە قول يازما ھۆججەتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تارىخىي مەنبەلىرىنى قانداق ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.09.21

 مەزكۇر يىغىننىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى سىياسەتشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە ئائىت قىسمىدا يەنە تۆت نەپەر مۇتەخەسسىس ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۆتمۈشى، ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت چۈشەنچىلىرى، 21 - ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىك تەرەققىياتى ھەمدە خىتاي ئىشلەپچىقىرىش ئارمىيىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى ۋە خاراكتېرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مەركىزىي ياۋرو - ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس ئون پارچە ماقالە ئوقۇلغان بولۇپ، تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەر ساھەسىگە مەنسۇپ مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان،دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىندا ئۇيغۇر تېمىسى ئۈچۈن مەخسۇس ئىككى دوكلات بېرىش سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك يېڭىلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.