ئامېرىكا : "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پائالىيىتىگە دىققەت قىلىۋاتىمىز "
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.05.02
2008.05.02
دېلل دېيلىي، بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تېررورچىلىق توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن. دېيلېي، " جۇڭگو تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى پائالىيىتىنى كۈچەيتكەن. بۇ ئافغانىستان ۋە پاكىستان ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بىز بۇ جەھەتتىكى تېررورلۇق تەھدىتىكە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتىمىز" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىق توغرىسىدىكى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا ئاقتۇنىڭ كوسراپ يېزىسىدىكى ش ت ئى ھەرىكىتىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى تىلغا ئالغان. دېلل دېيلېينىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىخەتەرلىك خادىملىرى بېيجىڭدا ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ياردەملەشمەكتە ئىكەن. ئۇ، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بېيجىڭدا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئولىمپىكنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراش ئېھتىمالىدىن قايغۇرىدىغانلار كۆپەيمەكتە. يېقىندا خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رونالد نوبىل، بېيجىڭدىكى بىر خەلقئارا يىغىندا ئولىمپىك مۇسابىقىسى تېررورچىلارنىڭ ياكى خىتايغا قارشى گۇرۇھلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىمالىنىڭ"رىئال مۇمكىنچىلىكى" بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
سىنگاپوردىكى تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى يېقىندا "ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئەلقائىدە بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ، 50 كىشىلىك بىر كەسپىي ھۇجۇمچى ئەترەت قۇرغانلىقىنى، خىتاي بۇ ئەترەتنىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ۋەقە تۇغدۇرۇش ئېھتىمالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.









