ۋاڭ لېچۇەن "ئامېرىكا باشلىق دۈشمەن كۈچلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقتا"دەپ كۆرسەتتى


2007.08.07

7 - ئاۋغۇست ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق خىتاي مەتبۇئاتلىرى باش بېتىگە "بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق قوغداش كېرەك" سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېسىلدى.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 5 - ھەم 6 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ ، يىغىندا پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن ئامېرىكىنى دۈشمەن كۈچ دەپ رەسمىي تەكىتلەپ " غەربتىكى ئامېرىكا باشلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ، مىللەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىنى پارچىلاش، غەربلەشتۈرۈش سۈيقەستى بار " دەپ كۆرسەتكەن .

ۋاڭ لېچۇەن يىغىندا يەنە ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 17 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك چوڭ تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي قانۇن سېستىمىسىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ،سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ ، ئامېرىكا قاتارلىق دۈشمەن كۈچلەرنىڭ مۇقىملىققا سېلىۋاتقان تەھدىتىنى تونۇپ يېتىپ " قاتتىق زەربە بېرىش، قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش " ۋەزىيىتىنى ساقلاپ ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى يەنىمۇ پۇختا كۈچەيتىپ ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن تەڭ يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۈللەنگەن ، باي، ئىناق، ياخشى ۋەزىيىتىنى سىرتقا تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك " دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت بۈگۈن ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ يۇقۇرقى بايانلىرىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ ، ۋاڭ لېچۇەننىڭ بۇ سۆزلىرى ، خىتاينىڭ 2008 ئولىمپىك ۋە 17 -نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتېيى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنىمۇ قاتتىق سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىر سىگنالى دەپ بىلدۈردى . مەزكۇر خەۋەر ھەققىدە ۋەقە ھەم مۇلاھىزە سەھىپىمىزدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرمەكچىمىز. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.