پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى يىلنى داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ يېڭى يىل بايرىمىنى تۈرلۈك مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق داغدۇغىلىق كۈتۈۋالدى.

رادىئومىز ئېرىشكەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپا، ئامېرىكا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتلىرى جايلاردىكى سىياسىي ھەم ئاممىۋىي تەشكىلات ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ تەشكىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئاساسەن جايلارنىڭ ۋاقتى بۇيىچە 2007 - يىلنى 31 ‏- دېكابىر كۈنى ئاخشىمى بايراملىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىل پائالىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئالىكساندىرىيە شەھىرىدە 31 ‏- دېكابىر ئۆتكۈزۈلدى،پائالىيەتكە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھىرى ھەم قوشنا شىتاتلاردىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قاتناشتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ھەر يىلى يېڭى يىل ھەم باشقا مىللىي ھېيت ‏- بايراملاردا ئورتاق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، بۇ قېتىملىق يېڭى يىللىق پائالىيەت ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن باشلاندى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەنئەت پروگراممىلىرى ۋە بالىلار نومۇرلىرى، ئوپچە ساما، خورلار بىلەن 2008 ‏- يىلنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم رەڭدار كۈتۈۋالدى. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى خەۋەرلەردىن كېيىن ئاڭلىغايسىلەر. (گۈلچېھرە)