ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى


2007.10.14

10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى شىمالىي ۋىرگىنىيە ئىجتىمائىي ئالىي تېخنىكومنىڭ ئېرنىست مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا ھېيت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ۋە باشقا شتاتلاردىن كەلگەن 250دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلىرى ئىشتىراك قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى جۈملىدىن مۇسۇلمانلارنى روزا ھېيتى بىلەن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي خۇشال ھېيت كەيپىياتى تىلىدى.

" بۈگۈن ۋەتەننىڭ ھەممە يېرىدە ھېيت، ئۇيغۇرلار ساماغا چۈشمەكتە، بىر-بىرىنى ھېيت بىلەن تەبرىكلەشمەكتە، لېكىن، ئۇلارنىڭ بۇ ھېيتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمى ۋە زۇلۇمى ئاستىدا ئۆتۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقەتەن خۇشال ۋە ئەركىن ھېس قىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ باشقا ئەركىن، مۇستەقىل مۇسۇلمان خەلقلىرىگە ئوخشاش كەيپىياتتا ھېيت ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئوينىغان سامالىرىدا ئاچچىق ۋە غەزەپ ھەم قايغۇ ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ" دەپ سۆزىنى باشلىغان رابىيە قادىر خانىم ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆز ھوقۇقلىرى، ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللىي كىملىكى، دىنى كىملىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. بۈگۈنكى مەزكۇر روزا ھېيت پائالىيىتىگە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ۋەكىلىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تەبرىكلىدى. كۆپچىلىك قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە مۇزىكىلارغا جۈر بولۇپ ئۇسۇل ئويناپ، ھېيت خۇشاللىقىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى مۇنداق شەكىلدىكى بىرلەشمە پائالىيەتلەرنى ئىزچىل ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، بۇ يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋاشىنگتون ئەتراپىدا 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنمۇ تەييارلىق قىلماقتا.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.