خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى


2005.09.02

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇيغۇر سىياسى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىش ۋە رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە- تاۋاباتى ۋە سودىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختۇتۇش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ت. كۇمار جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، "ئۇيغۇرلار ئانا تىلى چەكلىنىش، نۇرغۇن كىشىلەر سۇئال سوراقسىز تۈرمىگە تاشلىنىش، مەسچىتلەر پىچەتلىنىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەتە. بولۇپمۇ رابىيە قادىر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇ قۇتۇلدى، ئەمما ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى زىيانكەشلىككە دۇچ كېلىۋاتىدۇ،" دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنى زىيارىتى 6 - سىنتەبىر كۈنى باشلىنىدۇ. ت. كۇمار، خىتايلارنىڭ رابىيە قادىر ئائىلە - تاۋاباتى ۋە ئۇلارنىڭ سودىسىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر بۆلۈم تەسىس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەككەن. ت . كۇمار " بىز پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ مەسىلىنى جىددى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خۇ جىنتاۋدىن مەلۇم دەرىجىدە جاۋاب ئېلىشقا چاقىرىمىز،" دېدى.

خۇ جىنتاۋ، 7 - سېنتەبىر كۈنى پرېزىدېنت بۇش بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. شۇ كۈنى ئۇيغۇرلار رابىيە قادىرنىڭ باشچىلىقىدا نامايىش قىلىدۇ. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى، "بەزى زاتلارنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە پايدىسىز ئىشلارنى قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.