خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قازاقىستاندا تۇتۇپ قېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى


2006.04.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنى تۇتۇپ قېلىنغان يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىق قاتارلىق ئىككى ئۇيغۇر سىياسى مۇساپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى. يۈسۈپ قادىر توختى ۋە ئابدۇقادىر سىدىقلار 2006 - يىلى 3 - ئايدىن بېرى قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا "جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئۇلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇلار خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، تەن جازاسى ياكى قانۇنسىز مۇئامىلىگە ئۇچراش، ئەگەر 'جىنايىتى' 'ئېغىر،' دەپ قارالسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت " دەيدۇ.

كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، 1996- يىلى خىتايدىن ئايرىلغان ۋە 2006 - يىلى 3 - ئايدا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغىچە دىنىي تەلىم تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان يۈسۈپ قادىر توختىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى " بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلىگەن. ئابدۇقادىر سىدىق ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى، تۇغۇت چەكلەش ۋە ھاشار سىياسىتىنى تەنقىدلىگەنلىكى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان ۋە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن يۇرتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.

ئابدۇقادىر سىدىق ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئۈچۈن خىتاي - قازاقىستان چېگرىسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا قازاقىستان چىگرا دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇنى قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتۈش بىلەن ئەيىبلىگەن ھەم 6 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا "يېقىنقى يىللاردىن بېرى قوشنا ئەللەردىن خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتىمىز ، قايتۇرۇلغانلار تەن جازاسى، ئادالەتسىز سوتلىنىش ۋە ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق زىيانكەشلىكىنىڭ نىشانىغا ئايلانماقتا " دېدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قازاقىستاننى ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.