خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رابىيە قادىر ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى
2005.09.08
دۇنيادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى ئاتاغلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر ئائىلىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراققا تارتىشقا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقلارغا يولۇقىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلدى.
باش شىتابى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى مەزكۇر باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان رابىيە قادىرنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىمنى ۋە ئۇنىڭ تۇققانلىرىنى تۇتۇپ كېتىپ سوراققا تارتقانلىقىنى ھەمدە ساقچىلارنىڭ ئالىمنى رابىيە خانىمنىڭ ئەقىدە شىركىتىنىڭ باجدىن قاچقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ قەغەزگە قول قويۇشقا قىستىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ئالىم ئابدۇرېھىم بۇنىڭغا قول قويۇشقا ئۇنىمىغاندا، ھەتتا ساقچىلار ئۇنىڭغا " ھازىر قول قويمىساڭ، تۈرمىدە قوۋۇرغاڭ سۇنغاندا ئاندىن قول قويىسەن" دەپ ھەيۋە قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ باياناتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "بۆلگۈنچى" دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى 11 - سېنتەبىردىن كېيىنلا "تېررورچى" دەپ ئەيىبلەشكە ئۆزگەرگەنلىكىنى يازغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، رابىيە قادىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان، رابىيە قادىرنىڭ مەسىلىسىدە توختىماي ھەرىكەت قىلغان ھەمدە رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى كادانا دائىرىلىرىنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پرېزىدېنت بۇشنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
- خىتاي باج ئىدارىسى "ئەقىدە شىركىتى" نى تەكشۈردى
- بېيجىڭ دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يەنە ئەيىپلىدى