ئىلى دەرياسى بويى ئەتراپىدا تۇپراق سېرىلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرمەكتە

سەيشەنبە كۈنى ئىلى ئوبلاستىدا ئېچىلغان ئورمانچىلىق يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىلى دەرياسى بويى ئەتراپىدا تۇپراق سېرىلىش يۈز بەرگەن. سېرىلغان تۇپراقنىڭ ھەجىمى 370 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئېكېلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن .

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەپتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى ئوبلاستى ئۇيغۇر ئىلى بويىچە نۇقتىلىق يېشىللىق رايونى، بولۇپمۇ تەبىي مۇھىت گۈزەللىكىگە باي رايون ھېسابلىنىدىكەن . بىراق، تۇپراق سېرىلىشقا ئوخشاش ئورمانلارغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى سەۋەبلىك، ھۆكۈمەت بۇ رايوننىڭ مۇھىتىنى قوغداشنى، ئورمانلارنى ئاسراشنى تەكىتلىگەن .

خەۋەردە يەنە ، تەبىئىي ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش تۈپەيلى، بۇ زېمىننىڭ ھاۋا كېلىماتىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ئاشكارىلانغان.

بىر قىسىم كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى ۋىلايىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 - ۋە 80 - يىللىرىدىن كېيىن يۈز بەرگەن . ئورمانلارنى قالايمىقان كېسىش، دەريا سۇيىنى قالايمىقان ئېچىش خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يەرلىك خەلقلەر ئىلگىرى بۇ خىل ئاپەتلەردىن خالى ئىكەن .(ئەقىدە)