شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر بىلەن خوتەندە 21 - فېۋرالغىچە 30 مىڭ تۇياق چارۋا مال قار ئاپىتىدە ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە ئۆلگەن چارۋا ماللارنىڭ سانى 14 مىڭ تۇياق بولۇپ، 245 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلگەن.
17 - فېۋرالدىن باشلاپ يېغىشقا باشلىغان قارنىڭ قېلىنلىقى، خوتەن، قەشقەر ۋە قىزىلسۇدىكى بىر قىسىم ناھىيە ۋە شەھەرلەردە 30 سانتىمېتىرغا يەتتى. بۇ يۇقىرىقى رايونلاردا يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ياغقان ئەڭ قېلىن قار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
گۇما ناھىيىسىدىكى دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12 مىڭ تۇياق چارۋا مال گۇمانىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىشلاقلاردا قامىلاپ قالغان. يەكەن تاغلىق رايونىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 19 كەنتتىكى 30 مىڭ تۇياق چارۋا مال يەم - خەشەكسىز قالغان. يولنى قار بېسىۋالغانلىقتىن ئاپەت رايونىدىكى چارۋۇچىلارغا قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈش قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتىكەن.
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئاپەت رايونىدىكىلەر ئۈچۈن خوتەن ۋىلايىتى بويىچە پۇقرالاردىن 1 مىليون 400 مىڭ يۈئەن پۇل توپلىغان.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىغا خوشنا بولغان ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىر رايونىدىمۇ قاتتىق قار ياغقان بولۇپ، س ن ن (CNN) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر رايوندا 154 ئادەم ئۆلگەن، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان.(ئەركىن)