ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى


2005-06-22
Share

بۇ يىل 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ بىر ناھىيە ۋە شەھەرلىرى قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. شۇنداقلا مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدىلا كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5 كە يەتتى.

ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ دەسلەپكى چىقارغان ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، كەلكۈن سەۋەبىدىن بۇ رايونلاردا جەمئىي 3540 تۇياق مال-ۋاران ئۆلگەن، 70 مىڭ موغا يېقىن ئوتلاق ۋە 4 مىڭ مو ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋەيران بولغان، 400 كىلومېتىرلىق قاتناش يولى بۇزۇۋېتىلگەن ھەمدە 177 كۆۋرۈك ۋەيران بولغان. شۇنداقلا يېڭىسار ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق كەلكۈندىلا 3 مىليون يۇئەنگە يېقىن ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلار ئۈستىدە ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا. بىز ئىلگىرى ئىلى ئوبلاستىغا تېلېفون ئېچىپ مەلۇمات ئىگىلىگىنىمىزدە، بۇ رايوندىكى كىشىلەر، گەرچە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تارتقان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئارىدا خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسىملىرىمۇ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ، گۇئاڭشى ئۆلكىسىدىلا كەلكۈندە 44 كىشى قازا قىلغان شۇنداقلا بۇ رايوندىكى 100 مىڭدىن ئوشۇق ئاھالە باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت