ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى رايونلار قارا يامغۇر ۋە مۆلدۈرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرىدى


2005.06.30

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ئۈزلۈكسىز ياققان قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى ۋە مۆلدۈرنىڭ ھۇجۇمى، 29 - ئىيۇنغا قەدەر شىمالدىكى 12 شەھەر ۋە ناھىيىنى 200 مىليون يۈئەن زىيانغا ئۇچراتتى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قارار يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئاپىتى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە ئىلى جىلغىسى چۆچەك ئويمانلىقى ۋە ئالتاي يايلاقلىرىدا 400 مىڭ مو زىرائەتكە زىيان سالغان. ئىلى ۋىلايىتى ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، 15 مىنۇتقىچە تۇخۇم بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا مۆلدۈر ياققان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان پۇقرالار 19000 غا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەر، تەبئىي ئاپەت دېھقانچىلىق مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكتىن، زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئاپەت رايونىدىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسى، يېزا - كەنت ئامانەت قەرز كوپىراتىپى قاتارلىق ئورگانلار دېھقانلارغا ئامانەت قەرز پۇلى تارقىتىدىكەن.

خەلق ئىشلار ئىدارىسى، ئاپەت رايونىدىكى دىھقان - چارۋىچىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئىيانە توپلاش سەپەرۋەرلىكى باشلىغان. ئەمما ئاپەت رايونىدىكى پۇقرالار ، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ تەشۋىقاتنى مەقسەت قىلغان سىمۋول خاراكتېرلىك ئادەمگەرچىلىكلەر بىلەن چەكلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.