بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپەتلىرىدە ئۆلگەن ئادەملەر سانى 20 گە يەتتى
2005.08.17
ئۇيغۇر ئېلى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلىرىنىڭ كەلكۈن ئاپەتلىرى ھەققىدە بەرگەن ئەڭ يېڭى ئىستاتېستىكىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ يىل باشلىنىپ ھازىرغا قەدەر كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەر سانى 20كىشىگە يەتكەن ۋە يەنە بىر كىشى يوقاپ كەتكەن.
بولۇپمۇ بۇ يىل باھار باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇپ شىمالىدا ئومۇمىيۈزلۈك ھۆل يېغىن خاراكتېرلىك كەلكۈن، تاغ سېرىلىش ۋە قىيان ئېلىش ئاپەتلىرى يۈز بېرىپ كەلمەكتە. تۇرپانغا ئوخشاش ھۆل يېغىن ئەزەلدىن ئاز كۆرۈلىدىغان جايلارمۇ بۇ يىل ئەللىك يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلدى.
ھازىرغىچە بۇ كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلار جەمئىي 250مىڭدىن ئاشقان. 25مىڭغا يېقىن ئۆيلەر ئۆرۈلگەن. كەلكۈننىڭ دېھقانچىلىققا ئېلىپ كەلگەن بىۋاستە زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ جەمئىي 27مىڭ گېكتار ئەتراپىدا تېرىلغۇ يەرلەر ۋەيران قىلىنغان. كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە تېخى تولۇق ئىستاتېسكا چىقىرىلمىدى.
بۇ يىل -5ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېترولوگىيە ئىدارىلىرى بۇ يىل -7 ئايدىن -8 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇرقىدىنمۇ ئېغىر كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۈمكىنلىكى ھەققىدە ئالدىن خەۋەر ئېلان قىلغان بولسىممۇ ئەمما مۇخبىرلىرىمىز ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىدىن ئاشكارىكى، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالللىقى بولغان كەلكۈن ئاپەتلىرىگە نىسبەتەن ۋاقتىدا جىددى تەدبىر قوللانمىغان.
كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بەزى جايلاردىكى ئامما "مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ھاۋارايى ئۆزگۈرىشى ياكى كەلكۈن ئاپىتىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن بولسا ئاپەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيانلىرىنىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ئۈلگەرگەن بولاتتى" دەپ ئىنكاس قىلماقتا. (پەرىدە)