ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 ئورۇندا تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش ۋە قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بەردى


2006.03.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، پاكىستاندىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئۇدا قار يېغىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستان بىلەن تۇتىشىدىغان رايونلاردىكى 5 ئورۇندا تاغ گەۋدىسى گۈمۈرۈلۈش ۋە قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى تاشيولدا قاتناش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئاپتوموبىللار قاپسىلىپ قالدى.

قەشقەر قونجىراپ چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىكى خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئاپەت سەۋەبىدىن پاكىستانغا بارىدىغان 87 ئاپتوموبىل قونجىراپ چېگرا ئېغىزىدا تۇرۇپ قالغان. ھەتتا بۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ بەزىلىرىگە 10 نەچچە كۈن بولغان.

ھازىر، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پاكىستان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، پاكىستان تەرەپتىن يوللارنى ئىمكانقەدەر تېز راۋانلاشتۇرۇپ، تۇرۇپ قالغان ئاپتوموبىللارنىڭ تېزدىن چېگرىدىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر تاش يول قاتنىشىنىڭ قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ يىل قىش ئۇيغۇر ئېلىدە سوغاق ھاۋا ۋە قار ئاپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاپەتلەر بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى قار ئاپىتىدىمۇ نۇرغۇن چارۋا ماللار ئۆلگەن ھەمدە نۇرغۇنلىرى يەم-خەشەكسىز قالغان ئىدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.