تەبىي ئاپەت تۈپەيلى ئېغىر زىيان تارتقان دېھقانلار ياللىنىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا

سىبىرىيىنىڭ سوغاق ھاۋا ئېقىمىنىڭ زەربىسى تۈپەيلى ئۇيغۇر ئېلىدا -8ئاپرىلدىن باشلاپ ئون كۈنلەرگىچە داۋام قىلغان قار يامغۇر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دېھقانچىلىقىغا زور دەرىجىدە زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىدى . نۆۋەتتە ئاپەت سەۋەبىدىن زور زىيانغا ئۇچراپ بۇ يىل ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن كۆپ ساندىكى دېھقانلار يەرلىرىنى تاشلاپ شەھەر ناھىيىلەرگە كىرىپ ئىش ئىزدىمەكتە ئىكەن.

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مارالبېشى، پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيەلەردە يېڭىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئۆي قۇرۇلىشلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر دېھقان ئىشچىلار 70 %نى ئىگىلىگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاش يول، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىغا ئوخشاش ئورۇنلاردىمۇ ئۇيغۇر دېھقانلىرى كۆپىيىشكە باشلىغان. قەشقەر ۋىلايىتىدىن 60 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر دېھقان يەرلىرىنى تاشلاپ ناھىيە شەھەرلەردىن ئىش ئىزلىگىلى كىرگەن. ئۇلاردىن باشقا يەنە 23مىڭدىن ئارتۇق دېھقان بەزى ۋاكالەت ئورۇنلىرى ئارقىلىق ۋاقىتلىق ئىش تاپقان.

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى دېھقانلارنىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىقنى يېڭىشتا يەرلىرىنى تاشلاپ ۋاقىتلىق ئىش ئىزدەشكە رىغبەتلەندۈرىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما دېھقانلارنىڭ تەبىئىي ئاپەت زەربىسىدىن تارتقان زىيانلىرىنى يېنىكلىتىشكە قانداق تەدبىر ئالغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. (گۈلچېھرە)