ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان خەلق 10 مىڭدىن ئاشتى

خىتايدا 1‏-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان مەزگىلدە ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا توختىماي يامغۇر ياغقانلىقتىن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. بۇ كەلكۈننىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ، 18 مىليون يۈەندىن كۆپ ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، كەلكۈن تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەر باشقا جايلارغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىكەن. لېكىن خەۋەردە قانچىلىك ئاھالىنىڭ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەن ‏- ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ قورغاستىكى دېھقانچىلىق 4‏-دېۋىزىيىسىمۇ ئوخشاشلا بورانلىق يامغۇر ئاپىتىگە ئۇچراپ، بۇ يەردىكى 20 مىڭ موغا يېقىن كېۋەزلىك ۋە باغۋەنچىلىك مەيدانلىرى زىيانغا ئۇچرىغان. شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

مەزكۇر دېۋىزىيە خادىملىرى ھازىر 200 مىڭ پارچىدىن ئوشۇق بوراندىن ساقلىنىش پىلاستىك ياپقۇچلار بىلەن تېرىلغۇ مەيدانلارنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا تىرىشماقتا. بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بورانلىق يامغۇر، كەلكۈن ۋە قۇم بورىنىغا ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەر بىر قەدەر ئېغىر كۆرۈلدى. بىر قىسىم مۇتەخەسسسىلەر بۇنىڭ يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (پەرىدە)