ئالتاي ۋە تۇرپاندا يۈز بەرگەن ئاپەتتە قازا قىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە


2006.07.06
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۈز بەرگەن يامغۇر ئاپىىتىدىن مەيدانغا كەلگەن لاي - لاتقا سېرىلىش نەتىجىسىدە، قازا قىلغان ئادەم سانى 19 غا يەتكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 6 ‏- ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلى ۋادىسى بويىدىكى رايونلار ئېغىر دەرىجىدە يامغۇر ئاپىتىگە دۇچ كېلىپ، توققۇزتارا ناھىيىسىدىكى تاغارسىن جىلغىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئىككى دېھقان ئائىلىسىنى ئېقىتىپ كېتىپ، 4 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ئاپەتتە قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى بالىلار بولۇپ، چوڭى 15 ياشتا، كىچىكى 5 ياش ئىكەن.

پەقەت ، توققۇزتارا ناھىيىسىدە بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان ئادەم سانى 2400 دىن ئاشىدىكەن. ئاپەتتە 800 مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ مەيدانى ۋەيران قىلىنغاندىن سىرت، 1000 دىن ئارتۇق چارۋا مالنى ئۆلتۈرگەن. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ ئارىدا ، باي ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە ، غەربنىڭ نېفىتىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق گاز ئېنېرگىيىسى قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ بىر ئادەم ئۆلگەن.

مەزكۈر ئاپەتتە يەنە، تۇرپاندا تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن لاي - لاتقا ، تاش يول ۋە تۆمۈر يوللارنى بۇزۇۋەتكەندىن سىرت، 10 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە 5 ئادەمنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

ئالتاي رايونىدا يۈز بەرگەن لاي - لاتقا سېرىلىش ۋەقەسىدە بولسا 5 نەپەر چارۋىچى ئۆلۈپ، ھازىرغا قەدەر 5 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى يوق ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت