10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 8 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق زىيان ئېلىپ كەلگەن


2006.11.07

ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 10 دىن ئارتۇق دەريا‏ - ئېقىنلاردا يۈز يىلدىن بۇيان يولۇقۇپ باقمىغان كەلكۈن سۇ ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن ھەمدە مەزكۇر سۇ ئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 8 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە 10 دىن ئارتۇق دەريا‏ - ئېقىنلاردا يۈز يىلدىن بۇيان يولۇقۇپ باقمىغان كەلكۈن سۇ ئاپەتلىرى يۈز بەرگەن ھەمدە مەزكۇر سۇ ئاپەتلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىيان 8 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلار نازارىتىنىڭ باشلىقى سۇ چىنپىڭ 7 ‏- نويابىر كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىنىدا 90 ‏- يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن تەڭ قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە سۇ ئاپىتى قاتارلىق تەبىئەت ئاپەتلىرىنىڭ يىلدىن ‏- يىلغا كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ خىل ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىقتىسادىي زىياننىڭ يىلدىن ‏- يىلغا ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 500 دىن ئارتۇق دەريا - ئېقىن بولۇپ، ھەر يىلى ياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن كەلكۈن، سۇ ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ 1996 ‏- يىلىدىن 2002 ‏- يىلىغا قەدەر يۈز بەرگەن سۇ ئاپەتلىرى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بولغان. مەسىلەن، 2002 ‏- يىلى ياز پەسلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى 13 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستتا، ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدىكى سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر سۇ ئاپىتىدە 23 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان؛ 2005 ‏- يىلى يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتىدە بولسا 27 ئادەم ئۆلۈپ، 2 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.