ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۇچا، ئاقتۇ قاتارلىق جايلاردا توختىماي قاتتىق قار يېغىپ، يىگىرمە يىلدىن بېرى ئۇچرىمىغان قار ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ھازىر بەزى جايلاردا ياققان قارنىڭ قېلىنلىقى 30 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلگەن. ھەمدە دېھقانلارنىڭ 1000 مو ئەتراپىدىكى كۆكتات پارنىكلىرىنى قار بېسىۋېلىپ بەلگىلىك ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىققان.
23 - نويابىردىن باشلاپ بۇ قار ئاپىتىدە يەنە بەزى قاتناش يوللىرى توسۇلۇپ قالغان بولۇپ، 200 چە ئاپتوموبىل قاپسىلىپ قالغان، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللاردا مۇز توڭلىغان بولغاچقا قاتناش ۋەقەلىرى چىقىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتكەن. ھەتتا بەزى تاغ رايونلىرىدا قارنىڭ قېلىنلىقى 70 سانتىمېتىرغا يەتكەنلىكتىن قاتناش پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.
گەرچە ئۇيغۇر ئېلى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما قار ئاپىتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەققىدە تېخى ئېنىق ستاتىستىكىلىق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى. ئەمما ئاپەتكە ئۇچرىغان جايدىكى خەلق، بۇ قار ئاپىتىنىڭ ئەسلىدىنلا ھۆل يېغىن كەم بولىدىغان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى رايونلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان ئېغىر ئاپەت ھېسابلىنىدىكەن.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قار ئاپىتىنىڭ قىزىل مىڭ ئۆي قاتارلىق قەدىمىي ئاسارە - ئەتىقە ئورۇنلىرىنى بەلگىلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)