ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىللىقلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن دېرەك بەرمەكتە


2007.02.04

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت ئاسراش تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرېلىنىڭ بۇ يىلقى قىش پەسلى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا ئىللىق بولىۋاتقان بولۇپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ئېتەكلىرىگە جايلاشقان بەزى جايلاردا ھەتتا ھاۋا كېلىماتى بۇلتۇرقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا 7. 4 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇپ، يىغىلغان قار مۇزلارنىڭ قېلىنلىقىمۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن 10 سانتى مېتىر تۆۋەنلىگەن.

مۇھىت ھەمدە مېترولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىللىق قىش ھادىسىسىدىن ئەندىشە تۇيۇۋاتقان بولۇپ بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە قىش پەسلىدىكى ھاۋا كىلىماتنىڭ بۇ خىل بىنورمال ئىلىش ھالىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن تەبىي ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئادەتتە قىش پەسلىدە سوغاق ھاۋا كىلىماتنىڭ ئۇزاقراق داۋاملىشىشى نۇرغۇن زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ لىچىنكىلىرى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ باھاردا قايتا كۆپىيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، قار مۇزلارغا ئوخشاش زاپاس سۇلارنىڭ باھاردىكى تېرىقچىلىق مەزگىلىگىچە ساقلىنىپ تەبىي سۇ مەنبەسى ھاسىل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە پايدىلىق بولۇپ كېلىۋاتقان بولسا، نۆۋەتتىكى ئىللىق ھاۋا بۇ زىيانداشلارنىڭ كۆپىيىشىنى كۈچەيتىش، يىغىلغان قار مۇزلارنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى تېزلىتتىشقا ئوخشاش ئەكسى روللارنى ئوينىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا كەلگۈسىدە قۇرۇت قوڭغۇز، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىققا ئوخشاش ئاپەتلەر ئەۋج ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل تەبىي ئاپەتلەرنىڭ دېھقانچىلىق ھەمدە باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىققا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن تەڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بالدۇر ھەركەتلىنىشقا ئاگاھلاندۇرماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.