ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەبلەغ ئاجراتماقچى
2007.03.11
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مەبلەغ ئاجراتماقچى
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە ، ھۆكۈمەت بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاپەتلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان 45 ناھىيە ھەم شەھەرلىرىنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن جەمئىي 39 مىليون 900مىڭ يۇەن ئاجرىتىدىكەن.
بۇ مەبلەغ ئاساسلىق تاش يوللارنىڭ ئەتراپىدىكى دەريا ھەم ئۆستەڭلەرنىڭ سۇ سىڭمەس قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىكەن. ستاتستىكىغا قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئاپەت رايونلىرى 5000 ئەتراپىدا بولۇپ 90% دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يەنى يېزا قىشلاقلاردا.-2001 يىلىدىن -2005 يىلىغا قەدەر بۇ جايلاردا 457 قېتىم يۈز بەرگەن تۈرلۈك تەبىي ئاپەتلەردە 54 ئادەم ئۆلگەن. كېلىپ چىققان بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان بىر يۈز ئەللىك مىليون يۈەنگە يەتكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تۈر بويىچە زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىشى ئاساسلىق ئۇيغۇر ئېلىدا قۇرغان 217، ھەمدە 312 دۆلەت تاش يوللىرىنىڭ كەلكۈن ئاپەتلىرىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولۇپ ، مۇشۇ خىلدىكى يول ياساش ياكى ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھاشاغا ئىشلىتىۋاتقان دېھقانلارغا ھەق بېرىش ياكى ئۇلارنى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان .
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھازىرغا قەدەر يول ياساش ئۆستەڭ ياساشقا ئوخشاش ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدىكى ئەمگەكلەرگە مەجبۇرى ھالدا ھەقسىز ھاشاغا تۇتۇلماقتا.(گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىش پەسلىدە كۆرۈلۈۋاتقان ئىللىقلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن دېرەك بەرمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ئاز ئۇچرايدىغان قار ئاپىتىگە دۇچ كەلدى
- 10 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن سۇ ئاپىتى 8 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق زىيان ئېلىپ كەلگەن
- ئالتاي ۋە تۇرپاندا يۈز بەرگەن ئاپەتتە قازا قىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە
- ئالتاي ۋە تۇرپاندىكى تاغلاردىن لاي-لاتقا سېرىلىش ۋەقەلىرىدە 15 كىشى ئۆلدى
- ئىلى دەريا ۋادىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈندە 3 كىشى قازا قىلدى