ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بەرگەن ئاپەتلەرنىڭ ئەھۋالى تولۇق ئېلان قىلىنمايدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ قەشقەر، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەتنىڭ 33 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر بىر ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، پەقەت يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جايلاردىلا 300 مىڭ ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، 44 مىڭ 550 مىڭ تۇياق چارۋا مالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى زىياننىڭ 84 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

گەرچە خىتاي تەشۋىقات ۋاستىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئىستانسىمىزنىڭ بىۋاستە ئاپەت رايونلىرىغا تېلېفۇن ئۇرۇپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاپەت ئەھۋالى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرىلمىگەن شۇنداقلا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان .

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي رايونلىرىدا يۈز بەرگەن ئاپەت ئەھۋالى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تەشۋىق قىلىنغان بولغاچقا، بۇ رايونلارنىڭ مەيلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولسۇن ۋە ياكى خەلقئارانىڭ بولسۇن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ياردىمىگە ئېرىشىش نىسبىتى شۇنىڭدەك بىر قىسىم زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بېرىدىغان تەبىئىي ئاپەت ۋە باشقا سەۋەبلەردىن مەيدانغا كەلگەن ھەر خىل ئاپەتلەرنىڭ تولۇق ستاتستىكا بۇيىچە ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە يۈز بەرگەن ھەر قانداق بىر ۋەقەنى ئاشكارىلىماسلىققا تىرىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.