خې لۇلى ئۇيغۇر ئېلىگە مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە كەلدى


2006.09.03
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې لۇلى باشچىلىقىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 31‏-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 11 كۈنلۈك قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ھامىد بۇ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا ئاتاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىزچىل يولغا قويۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلات بەردى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خې لۇلى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن‏ ‏" مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان 22 يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۇنجى قېتىم قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى، بۇ مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىش، مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ".

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشكە ئايرىم گۇرۇپپا ئەۋەتىشىگە، نۇرغۇن غەرپ ئەللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ئەيىبلەشلىرىنىڭ سەۋەپ بولغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.