رابىيە قادىر خانىم ئاقسارايدا


2007.07.03

white-house-July-3-07-200.jpg
رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئاقسارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئايالى لورا بۇش بىلەن كۆرۈشتى. Mrs. Bush meets with Rabiya Kadeer on July 3rd, 2007 / Photo by UAA

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن ئاقسارايدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئايالى لورا بۇش خانىمنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئانىتا مېكبرايت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. سۆھبەت جەريانىدا لورا بۇش خانىم ئىشخانىغا كىرىپ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاھىدە كۆرۈشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىم ئاقسارايدىكى سۆھبەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتى رامكىسى ئىچىدە، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش سىياسىتى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ تۈرمىلەردىكى سوراق جەريانىدا قاتتىق قىيىن-قىستاق ئاستىدا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى ياكى كېسەل بىلەن ئۆلدى، دەپ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئائىلىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يېغىۋىلىشى قاتارلىق ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 6‏- ئىيۇن كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكىنىدە، لورا بۇش خانىم بىلەن سەمىمىي بىر دوستلۇق ئورناتقان ئىدى.

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، پرېزىدېنت بۇش پراگادىكى ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ ھاۋەل تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رابىيە قادىر خانىمغا يۇقىرى باھا بەرگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.