ئۈرۈمچىدە ساختا گۇۋاھنامە ياساپ بېيىغان بىر ئاققۇن پاش بولدى

خىتايدا ھەر قانداق نەرسىنىڭ ساختىسىنى تاپقىلى بولىدىكەن ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ توي خېتى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى، ئۇنۋان كىنىشكىسى، ئۆي مۈلۈك ھوقوقى كىنىشكىسى ھەتتا يالغان نوپۇس قاتارلىق تۈرلۈك گۇۋاھنامىلەرنىڭمۇ ساختىسىنى تاپقىلى بولىدىغان بولۇپ ، ساختا كىنىشكە ھەم گۇۋاھنامە ياساش ھەققىدىكى خىتايچە ئېلانلار ھەتتا كوچىلاردىكى ئىستولبىلارغا ئاشكارا چاپلاپ قويۇلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدە 14 - ئاۋغۇست بېرىلگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شوربۇلاق رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى،مۇشۇنداق كۆپ خىل يالغان گۇۋاھنامە ياساپ ساتقان دەي فامىلىلىك بىر خىتاي ئاققۇنغا ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان.

دەي خۇنەندىن2005 - يىلى 9 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىگە ئىش ئىزدەپ چىققان ئاققۇن بولۇپ ، ئۇ كېلە- كەلمەيلا تېز بېيىپ كەتكەن. ئەسلى ئۇ ئاددى كومپيۇتور، نۇسخا كۆپەيتىش ماشىنىسى قاتارلىقلار بىلەنلا ئىجارە ئالغان ئۆيىدە تۈرلۈك ساختا كىنىشكە ياساش زاۋۇتىدىن بىرنى ئېچىۋالغان ئىكەن. ئۇ دەسلەپ خېرىدارلارنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەر خىل كىنىشكىلەرنى ياسايدىغانلىقى ھەققىدە كىچىك ۋاراقچىلارنى تارقىتىپ بۇ قانۇنسىز سودىسىغا كىرىشكەن. كېيىن يەنە ئۈرۈمچىدىن بىر قانچە يەردە ئۆي ئىجارە ئېلىپ تىجارىتىنى كېڭەيتكەن.

2006 - يىلى 10 - ئايدا ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ ئىككى جايدا ئىجارىگە ئالغان مەشغۇلات ئۆيىدىن دۆلەتلىك، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى، قانۇن تارماقلىرى ، سەھىيە دوختۇرخانا ھەتتا جامائەت خەۋىپسىزلىكىنىڭ تامغىلىرى بولۇپ 1000خىلدىن ئارتۇق تامغا ھەمدە ياسىلىپ تەييارلانغان 2500 دىن كۆپ ساختا گۇۋاھنامە ۋە كىنىشكىلار چىققان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى كەسكىن بولىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇنلار مۇشۇ خىلدىكى ساختا گۇۋاھنامىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرى بازارلىرىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ ھەتتا ياخشى خىزمەتلەرگە ئېرىشىدىكەن. (گۈلچېھرە)