قارا 2 - تەبىئىي گازلىقىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلدى


2005.06.05

ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسى قىزىل يېزىسىغا جايلاشقان قارا 2 - تەبىئىي گازلىقنىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىكى ئۈسكۈنە پارتلاپ، ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلىشى ۋە توققۇز ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاش ۋەقەسى 3 - ماي كۈنى چۈشتىن كىيىن، زاۋۇت دائىرىلىرىنىڭ ئىككى دانە تەبىي گاز پرىسلاش ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىش جەريانىدا يۈز بەرگەن.

قارا تەبىئىي گازلىقى، خىتاينىڭ غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسلىق تەبىي گاز ئېلىش مەيدانى بولۇپ، ۋەقە سەۋەبىدىن گاز تەمىنلەش ئىشلىرى ۋاقتىنچە توختاپ قالغان. خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، گاز تەمىنلەشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە ۋەقە يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ۋەقەنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىيانلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

قارا 2 - تەبىئىيى گازلىقىنىڭ ئېنىقلانغان زاپاس مىقدارى 284 مىليارد كۈپ مېتىر كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەبىي گازلىق ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىملىرىنى گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى غەربنى ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى دەپ بىلدۈرىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ئۇيغۇرلار بۇنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى خالىغانچە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىش دەپ قارىماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.