ئەسقەر ئاقايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈشى، ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلىماقتا


2005.03.31

ئىنگىلىزچە چىقىدىغان "ئاسىيا ۋاقتى گېزىتى" دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدا، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد بېغىشلاۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ن ت تارىمى تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەسقەر ئاقايېف دەۋرىدىكىدىن پەرقلىق سىياسەت قوللىنىشىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا. چۈنكى يېڭىدىن ھوقۇق ئىگىلىگەن ئۆكتىچىلەر، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئوچۇق ئەيىبلىگەن.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف گەرچە دەسلەپتە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق كېيىنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، خىتايدىن ئالىدىغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنى سېتىۋەتكەن.

ماقالىدە يەكۈنلىنىشىچە، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ تەختتىن چۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى، ئۇيغۇرلارغا يېڭى ئۈمىدلەرنى ئېلىپ كەلگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.