خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 21 - سېنتەبىر كۈنى، مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە توسقۇنلۇق قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر خىتاي ئەمەلدارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بىراق بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغدىدۇق دەپ، بۇ مىللەتنى دۇنيادىن ئايرىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
نۆۋەتتە، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىپ كېتىش گىراداۋىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مەركىزى ئاگېنتلىق، خىتاي مىللىي ئىشلار رەھبىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "خىتايدا مىللەت نەزىريىسى ۋە مىللى سىياسەت يولغا قويۇلۇش بىلەن بىرگە، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق مەۋجۇت، مېنىڭ قارىشىمچە، بىزنىڭ سىياسىتىمىز مەدەنىيەتنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەس بەلكى مەدەنىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسى" دېدى.
دۇنيا مەدەنىيىتىگە ھەسسە قوشقان ئۇيغۇر مىللىتى، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدە زور نەتىجىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ سەۋىيسى ھازىرقى پەن - مەدەنىيەت دەۋرىگە ماس كەلمەيدۇ، دېگەن باھانە بىلەن ئالى مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايچە ئوقۇتۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، بۇنىڭغا قاتتىق نارازلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىدى. (ئەقىدە)