ۋاڭ لېچۈەن ئاتىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى


2006.04.03

گەرچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە، دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن، يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ دىنىي خىزمەت يىغىنىدا، ئاتىزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە بىدئەتچىلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

" تەڭرىتاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈەن يىغىندا " ئاممىنى ئىلمىي بولغان دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئاتىزم تەربىيىسىنى چوڭ ئىش قاتارىدا چىڭ تۇرۇش، بىدئەتچىلىككە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش كېرەك " دەيدۇ. لېكىن ئۇ بىدئەتچىلىكنىڭ قايسى دىنىي مەزھەپ ۋە تەرىقەتلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئەسكەرتىشىچە،3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش سىڭىپ كىرىشكە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدىكەن.ئۇ، " چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا سىڭىپ كىرىش ۋەزىيىتىدە جىددىيلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ۋاڭ لېچۈەن، چېگرا سىرتىدىكى بۇ دىنىي كۈچلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ " چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنىڭ خرىستىئان دىنىي ۋە كاتولىك دىنىدىن پايدىلىنىپ سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە قەتئىي تاقابىل تۇرۇش" كېرەك" دەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇش ۋە دىنىي زاتلارنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى رايوندا ئاياللار، ياش - ئۆسمۈرلەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، پېنسىيىگە چىققانلار ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.