ئاۋسترالىيىدىكى نامايىشتا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا جېدەل چىققان

‏24 - ئاپرىل كۈنى ئاۋسترالىيىدە ئېلىپ بېرىلغان بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە، پائالىيەتنى قوللىغۇچى خىتاي نامايىشچىلار بىلەن پائالىيەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا جېدەل چىققان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008-04-24
Share

  بۇ كۈنكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان پائالىيەتنى قوللىغۇچى خىتايلارنىڭ سانى 8000 ئەتراپىدا، قارشى نامايىش قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 150 ئەتراپىدا بولۇپ، ئىككى تەرەپ نامايىش جەريانىدا بىر - بىرىگە ئۈزلۈكسىز خىرىس قىلغان. ساقچىلار ئىككى تەرەپنى يول بويى ئاجرىتىپ ماڭغان. خىتاي نامايىشچىلار سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن ھەيۋە قىلسا ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسيانكار مىللىي خاراكتېرى بىلەن قارشى تەرەپكە ھەيۋە كۆرسەتكەن.

ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق كۆتۈرگەن بىر نامايىشچى، بىر خىتاي نامايىشچىنىڭ قولىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى تارتىپ ئېلىپ يەرگە ئاتقان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى جېدەلدە بىر خىتاي نامايىشچى ئۇرۇپ دەسسىۋېتىلگەن بولۇپ، بىر ئۇيغۇر نامايىشچىنىڭ يۈزى زەخىملەنگەن. نۇرمۇھەممەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
 
 ئۇيغۇر نامايىشچىلار ئارىسىدا 20 گە يېقىن ئۆسمۈر بولۇپ، ئۇلارنىڭ نامايىش جەريانىدىكى جەڭگىۋار روھىي ھالىتى ئەتراپتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ نامايىشقا 500 ئەتراپىدا تىبەتلىكمۇ قاتناشقان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت