نۇر بەكرى نەشىرىيات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىكەن


2004-09-16
Share

ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇر بەكرى چارشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نەشىرىيات خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى نەشىرىيات ساھەسىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي كومپارتىيىسىگە قاراشلىق تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ يىغىندىكى مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىۋاتقان نەشىرىيات بويۇملىرى ئىچىدە، سىياسى يۆلۈنۈش خاراكتېرلىك خاتالىقلارغا يول قويۇلغان، سۈپىتى تۆۋەن بويۇملار كۆپ ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى خەۋەردە " بىر قىسىم نەشىرىيات ئورۇنلىرىنىڭ نۇقۇل ھالدا ئىقتىسادى مەنپەئەتنى قوغلۇشۇپ، خىتاي كومپارتىيىسى يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى، بۇ خىل ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق سەۋەپ " دەپ كۆرسەتكەن.

نۇر بەكرى يىغىندا نەشىرىيات ساھەسىنى چوقۇم تۈزەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىتاينىڭ ۋە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ مۇقىملىقىغا چېتىشلىق چوڭ ئىش دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى خالىمىغان مەزمۇنلاردىكى نەشىرىيات بويۇملىرىنى چەكلەپ، پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى بۇغىۋاتقانلىقى خەلقارا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ كەلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت