خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە
2005.02.27
شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قازاق تىلىدا رادىئو پروگراممىسى ئاڭلاتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىگەن.
بۇ خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرىدىن ئەسخەت كېرىمباي ۋە نۇر بەكرى قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان. نۇر بەكرى قازاق تىلىدىكى پروگراممىلارنىڭ تېز سۈرەتتە سىرتقا يۈزلىنىش نىشانىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ياخشى سىرتقى ئوبرازىنى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەشۋىقات كۈچىنى ئاشۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ھەم بۇ ئارقىلىق مۇقىملىق، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە دەسلەپكى ۋاقىتتا كۈندىلىك قازاقچە ئاڭلىتىش پەقەت 30 مىنۇت بولغان بولسا، ھازىر ئۇ كۆپەيتىلىپ 18 سائەت 30 مىنۇتقا يەتكۈزۈلگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن . ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستانغا ھەر كۈنى "جۇڭگو ئاۋازى" نامىدا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە رادىئو ئاڭلىتىش ھەم تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقىتىشنى يولغا قويغان. ئالمۇتىدا مەخسۇس شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىلىكى ئۆتكۈزگەن ھەمدە قازاقلار تۇرمۇشىغا ئائىت كىنو قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
خىتاي دائىرلىرى قازاق، قىرغىز ۋە ئۇيغۇر تىللاردىكى مەخسۇس رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى شۇنىڭدەك كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق ۋە بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلماقچى بولغان. (ئۈمىدۋار)