خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چەتئەل سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىنى توسىماقتا


2005.08.03

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا بىر ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ چەتئەل سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە ئەسلىھەرلىرى ئۈستىدىن تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىشىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ رۇخسەتسىز ھالدا چەتئەل خەۋەرلىرىنى كۆرۈشىنى پۈتۈنلەي توسىشىنى تەلەپ قىلغان.

تەيۋەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دىلشات رىشىتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت كابېنتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا 86 - نومۇرلۇق بۇ ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودا- سانائەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ بۇ بەلگىلىمە بويىچە چەتئەل سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيە ئەسلىھەلىرىنى بولۇپمۇ تەيۋەننىڭ قاناللىرىنى توسىشىنى بۇيرۇق قىلغان.

دىلشات رىشىت يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى چۈشۈرگەن بۇ ھۆججەت دەرھال ئىجرا قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، بۇ بەلگىلىمىنى ئالاھىدە چىڭ تۇتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.