چەتئەل تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش پائالىيىتىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا


2007.03.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۇيغۇر ئېلىدە "8- مارت" ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش ھەپتىلىكى پائالىيىتى بىلەن ئاياللارغا قانۇن ساۋات لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتكە نەچچە يۈزلىگەن دېھقان ئايال قاتناشقان.

خىتاي خەۋەر ۋاستىلىرىنىڭ 4 ‏- مارت كۈنى بېرىلگەن خەۋەرلىرىدىن ئاكارىلىنىشىچە، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش پائالىيىتى 8 كۈن داۋاملاشقاندىن سىرت، ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئەرز - شىكايەت قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئادۋوكاتلار تەكلىپ قىلىنىپ، ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاياللارغا قانۇن بىلىملىرىدىن مەسلىھەت بېرىلىدىكەن.

بۇ ئارىدا مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ، ئاياللار كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش شۇنىڭدەك ئۇلارغا قانۇن ساۋات لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق ئەمىلىي ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق ئاياللار كومېتىسى ۋەكىللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرۈشى، بىۋاستە دۆلەت پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەرىپىدىن چەكلىنىش بىلەن بىرگە، ھەتتا پىلاندىن سىرت پەرزەنت كۆرگۈچىلەر، خىزمەتتىن قوغلىنىش، ئىقتىسادىي جەرىمانە تۆلەش قاتارلىق جازالار بىلەن جازالىنىدىكەن.

ئاياللارنىڭ ئەرز شىكايەتلرىنىڭ ھېچقاچان مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىپ باقمىغانلىئىقنى تەكىتلىگەن ۋەكىللەر يەنە، ئاياللارغا قانۇن ساۋات بىلىملىرىنى ئۆگىتىش دېگەنلىك، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈشنى ئۆگىتىش بولۇپ، ئۇلارغا ھېچقاچان كىشىلىك ھوقۇق، بولۇپمۇ ئاياللار بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلار ھەققىدە ساۋات بېرىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.